تۈركىيە: ئەرمېنىيە كىرىزىسنى ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى ئۆگىنىشى كېرەك

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيە دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى ئۆگىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

1456191
تۈركىيە: ئەرمېنىيە كىرىزىسنى ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى ئۆگىنىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، ئەزەربەيجانغا ھۇجۇم قىلغان ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۈنۈگۈن تۈركىيەنى قارىلاپ  ئېلان قىلغان باياناتىغا بېرىلگەن يازما جاۋابىدا، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئەمدىلىكتە تۈركىيەنى قارىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئەزەربەيجان تېرروتېرىيەلىرىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قانۇنسىز ئىشغال ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەرمېنىيەنىڭ بۇ ئىككى يۈزلىمىچىلىك پوزىتسىيەسى، جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇنىڭ ئەسلىدە كىم ئىكەنلىكىنىمۇ ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا كۆرسىتىپ بەرمەكتە.  قارىلاش ۋە بوھتان چاپلاش ئارقىلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ نە رايونغا، نە ئەرمېنىيەگە ھېچقانداق پايدىسى يوقتۇر. بۇ پوزىتسىيە، كىملىكىنى بىر تەرەپلىمىلىك تارىخىي ئاڭغا ئاساسلىنىپ، پەقەت دۈشمەنلىك قىلىش بىلەنلا شەكىللەندۈرگەن، ھەمدە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ تاجاۋۇزچىلىقىنى قانۇنلۇقتەك قىلىپ كۆرىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر ئىدېئولوگىيەنىڭ مەھسۇلىدۇر.  تاجاۋۇزچىلىق تۈسىنى ئالغان مىللەتچىلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىغان بۇ مېيىپ پوزىتسىيە تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر، لېكىن، ھەيران قالارلىقمۇ ئەمەستۇر. ئەرمېنىيە دائىرىلىرى ئەقىل – ھوشىنى يىغىپ، جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا مەسىلە پەيدا قىلىشنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە، كىرىزىسنى ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى دەرھال ئۆگىنىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر