سىئىرتتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئېغىر يارىلانغان ئىككى ساقچى شېھىت بولدى

سىئىرت ۋىلايىتىنىڭ دوغان يېزىسى رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا ئېغىر يارىلانغان ئىككى ئالاھىدە ساقچى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.

1456195
سىئىرتتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئېغىر يارىلانغان ئىككى ساقچى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىئىرت ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر دائىرىسىدە، 15 – ئىيۇل دەگىرمەنتاشى ئېگىزلىكى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرى بىلەن توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىكككىسى ئېغىر 4 ئالاھىدە ساقچى يارىلانغان. يارىلانغان ساقچىلار تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن رايوندىن ئېلىنىپ، شىرناق ھەربىي دوختۇرخانىسىغا ئەۋەتىلگەن. ئېغىر يارىلانغان ئىككى ساقچى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر