تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىدىكى تېررورچىلاردىن بىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 8 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1453230
تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىدىكى تېررورچىلاردىن بىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «يولۋاس پەنچىسى» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى؛ باياناتتا، «يولۋاس پەنچىسى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ھافتانىن رايونىدا ئورنى ئېنىقلانغان پ ك ك ئەزاسى 8 تېررورچى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى. زەربە بېرىش ھەرىكىتىمىز ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىپ تاشلىنىپ بولغۇچە داۋاملىشىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىچكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە بولسا، ئەرزۇرۇمنىڭ شەنكايا ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا قولغا چۈشۈرۈلۈشىگە ياردەم قىلغۇچىلارغا 500 مىڭ تۈرك لىراسى مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدە ئىسمى بار بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر