قىران: تۈركىيە يۇنېسكونىڭ ئاياسوفيا كۆرسەتمىلىرىگە رېئايە قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سەلىم قىران، ئاياسوفيانىڭ جامە سۈپىتىدە قايتىدىن ئىبادەتكە ئېچىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك قارار ھەققىدە توختالدى.

1453226
قىران: تۈركىيە يۇنېسكونىڭ ئاياسوفيا كۆرسەتمىلىرىگە رېئايە قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سەلىم قىران، ئاياسوفيانىڭ جامە سۈپىتىدە قايتىدىن ئىبادەتكە ئېچىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك قارار ھەققىدە توختىلىپ، «تۈركىيە، ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى - يۇنېسكو كۆرسەتكەن مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلماقتا» دېدى.

مۇئاۋىن مىنىستىر ياۋۇز سەلىم قىران ئىجتىمائىي تاراتقو تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، 1972 – يىلىدىكى دۇنيا مىراسى ئەھدىنامىسىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، تۈركىيەنىڭ يۇنېسكونىڭ ئاياسوفياغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى ئورۇنداپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، باياناتىنى ئەھىنامىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىبارىلەرنى تۈرك ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا ئىلاۋە قىلغان ھالدا ھەمبەھىرلىدى.

«دۇنيا مىراسى ئەھدىنامىسىدە بىر مىراس ساھەسىنىڭ فۇنكسيەسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى مەنئى قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دېگەن ئىبارە ئورۇن ئالغان رەسىمدە ئەھدىنامەنىڭ، مەدەنىيەت مىراسىغا ئىگە بولغان دۆلەتلەرگە قوغداش ۋە تونۇتۇش ۋەزىپىسى يۈكلەش ئارقىلىق ئۇ دۆلەتنىڭ مۈلۈكىيەت ۋە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا دەخلى قىلمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر