ئاياسوفيانىڭ جامەگە ئايلاندۇرۇلۇشىغا قانۇنىي يول ئېچىلدى

مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىنىڭ 10-باشقارمىسى 1934-يىلى 24-نويابىر ئاياسوفيانىڭ جامەدىن مۇزېيىغا ئايلاندۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چىقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

1452836
ئاياسوفيانىڭ جامەگە ئايلاندۇرۇلۇشىغا قانۇنىي يول ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئىزچىل ۋەخپىلەر تارىخىي ئەسەرلەرگە ۋە مۇھىتقا خىزمەت جەمئىيىتى»، ئاياسوفيانىڭ جامەدىن مۇزېيىغا ئايلاندۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، مەمۇرىي سوتقا ئەرز سۇندى.

مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىنىڭ 10-باشقارمىسى ئەرزنى تەكشۈردى ۋە 2-ئىيۇلدىكى سوتتا تەرەپلەرنىڭ ئەرزلىرىنى ئاڭلىدى. سوتتىن كېيىن، 10-باشقارما ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، 1934-يىلى 24-نويابىر چىقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

مەمۇرىي سوت مەھكىمىسى ئاياسوفيانىڭ فاتىھ سۇلتان مەھمەت خان ۋەخپىسىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەنلىكىنى ۋە جامە بولۇش سۈپىتىدە جەمئىيەتنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇلغانلىقىنى سەۋەب كۆرسەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر