تۈركىيە دۆلەت ئىچى - سىرتىدا پ ك ك تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزالىرىغا ئۈزلۈكسىز شۇنداقلا ئەجەللىك زەربىلەرنى بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1451931
تۈركىيە دۆلەت ئىچى - سىرتىدا پ ك ك تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئېنىقلانغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە ئامانلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتىدە تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئېنىقلانغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 2 تېررورچى خائىنلارچە ھەرىكىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئاۋۋال قولغا چۈشۈرۈلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ۋاننىڭ چاتاك تاغلىق رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان 28 – ئىيۇندىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلاردىن بىرىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدىكى مۇسا بۇلان ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، 28 – ئىيۇندا جامائەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى بىلەن ژاندارما باش قوماندانلىقىنىڭ بىرلەشمە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلاردىن بىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشىگە ياردەم قىلغۇچىلارغا 500 مىڭ تۈرك لىراسى سۆيۈنچە بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدىكى ئاۋارەش تەخەللۇسلۇق مۇسا بۇلان ئىكەنلىكى؛ قالغان ئىككى تېررورچىنىڭ ئاتالمىش بوتان ساھەسى مۇئاۋىن قوماندانى ساريا تەخەللۇسلۇق مەيرى كاپلان ۋە ۋېژىن تەخەللۇسلۇق بەسنا تۇمان ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

بىر تەرەپ قىلىنغان مەزكۇر تېررورچىلارنىڭ 8 – ئىيۇندا ۋاننىڭ چاتاك ناھىيەسى بەلبۇكا يايلىقىدا يول رېمونت قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشچىلارنىڭ ئاپتوموبىلىغا ھۇجۇم قىلىپ، 2 ئىشچىنىڭ ئۆلۈمى، 8 ئىشچىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقى ئىكەنلىكى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىر باياناتتا جامائەتلىككە ئۇقتۇرۇلغانىدى.

بۇ جەرياندا، ماردىن ژاندارما قوماندانلىقى خادىملىرىنىڭ قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا ي پ گ / پ ك ك ئەزاسى بىر تېررورچى سۈرىيە چېگراسىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر