چاۋۇشئوغلۇ جونسون بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ ، ئەنگلىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا كوۋىد – 19 دىن داۋالىنىۋاتقان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننى يوقلىدى.

1451785
چاۋۇشئوغلۇ جونسون بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «ئۇنىڭ (جونسوننىڭ) سالامەتلىكىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردۇق ۋە جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ سالامىنى يەتكۈزدۇق. يەنە جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ ئۇنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى قايتا تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق، ئۇنىڭ بوۋىقىنى تەبرىكلىدۇق» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ ئەنگلىيەدىكى زىيارىتى دائىرىسىدە، ئالدى بىلەن ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى تۈركىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جېفرېي دونالدسون، ئارقىدىن ئەنگلىيەلىك مەنسەپدېشى دومىنىك رائاب بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

مىنىستىر چاۋۇشوغلۇ  ئۇچرىشىشلىرىدا، كوۋىد - 19 غا قارشى كۈرەش، ساغلاملىق ساھەسىدىكى ھەمكارلىق،  ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبەتلىرى،  ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، بىرىكست (ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى) دىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلەرنى قايسى ساھەلەردە تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، ساياھەتچىلىك،  ساغلاملىق ساياھىتى ۋە مۇداپىئە سانائىتىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى توغرىسىىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «يەنە بىر تەرەپتىن لىۋىيە،  سۈرىيە،  باشقا رايون مەسىلىلىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قاتارلىقلار توغرىسىدا بىرلىكتە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق » دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ، سىياسىي چارە ۋە لىۋىيەنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى توغرىسىدا ئەنگلىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئوخشىماسلىقى يوقلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر