تۈركىيەدە بۈگۈن 20 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ خۇشاللىنارلىق نەتىجىلىرى نامايان بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
1449029
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە تۈركىيەدە 20 نەپەر ۋۇخەن ۋىرۇسى بىمارى قازا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 5206 گە يەتتى.
ئوخشاش ۋاقىتتا سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 48248 كىشىنىڭ 1154 نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى. بالنىستتىن چىققان 1214 كىشىنى قوشقاندا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر ئومۇمىي سانى 179492 گە يەتتى.