ئەردوغان ئاياسوفيا ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاياسوفيا قىلىنىۋاتقان ئەيىبلەشلەرنىڭ، بىۋاستە تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ھۇجۇملار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1448506
ئەردوغان ئاياسوفيا ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب قايتۇردى
erdoğan Aya Sofya 2.jpg
Erdoğan Aya Sofya 1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا «لەۋەنت جامەسى» گە ئۇل قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

ئۇ: «بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا خىزمەت بېرىدىغان ئىبادەتخانىلىرىغا ئارىلاشمىدۇق. باشقىلارنىڭمۇ بىزنىڭ ئىبادەتخانىلىرىمىزغا ئارىلىشىدىغان ھېچقانداق ھوقۇقى ۋە سالاھىيىتى يوق. دۆلىتىمىزگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەر ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇم مەنىسىگە ئىگە» دېدى.

ئۇ تۈركىيەدىكى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئېتىقاد گۇرۇپپىسى بولغان مۇسۇلمانلاردىن باشقا، ئوخشىمىغان دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «مىليونلارچە كىشى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك ھاياتىغا خەۋپ يېتىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تۈرلۈك بېسىمغا دۇچار بولۇۋاتىدۇ. ئەسلىدە، قاراپ چىقىلىشى، نازارەت قىلىنىشى ۋە تەدبىر ئېلىنىشى كېرەك بولغان ئىش بۇ» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر