ئەردوغان دوھادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيەگە قايتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتاردىكى بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتى جەريانىدا قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىلەن ھەمەد ئال سانى بىلەن كۆرۈشتى.

1448045
ئەردوغان دوھادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيەگە قايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىمنىڭ پايتەخت دوھادىكى مەرۋايىت سارىيىدىكى 3 سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان ئۇچرىشىشى يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن بېرىلگەن رەسمىي خىزمەت زىياپىتىدىن كېيىن ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت دوھادىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر