ھۇلۇسى ئاكار بىلەن ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى لىۋىيەگە يېتىپ باردى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار بىلەن ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى گۈلەر لىۋىيەنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى.

1448461
ھۇلۇسى ئاكار بىلەن ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى لىۋىيەگە يېتىپ باردى
Hulusi Akar Pençe-Kaplan Operasyonu 3.jpg
Milli Savunma Bakanı Hulusi Akar Ege'deki Tacizler 1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇلۇسى ئاكار بىلەن ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى گۈلەر پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدىكى پائالىيەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن لىۋىيەگە يېتىپ باردى.

ئىككى رەھبەر ھەربىي مۇراسىمدىن كېيىن، كېلىشىم دائىرىسىدە قۇرۇلغان مۇداپىئە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ۋە تەلىم-تەربىيە ياردەم ھەمكارلىق قوماندانلىق مەركىزىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «لىۋىيەدە قانۇنلۇق ھالدا مەۋجۇت بولغان ھۆكۈمەت بىلەن ئوتتۇرىمىزدىكى خىزمەتلەر ئەستايىدىل ۋە قەئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇشى كېرەك. بۇ بىزنىڭ قىلىدىغان خىزمىتىمىز. مۇداپىئە مىىنستىرىمىز ئۇ يەرگە يېتىپ باردى. ئۇ يەردە قىلىنىدىغان خىزمەتلەر بىلەن لىۋىيەدىكى مۇساپىنى تېخىمۇ يېقىن يەردىن داۋاملاشتۇرۇشنى خالايمىز. لىۋىيەدىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت بىلەن ئوتتۇرىمىزدىكى خىزمەتلەرنى ئىنتايىن ئەستايىدىل ۋە قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم» دېدى.

ئۇ تۈنۈگۈن (2020-يىلى 2-ئىيۇل) كى قاتار زىيارىتى توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«قاتار زىيارىتى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىم بولدى. رايون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان بارلىق مەسىلىلەرنى قاتار ئەمىرى تەمىم بىن ھاماد ئەسسانى بىلەن مۇزاكىرە قىلدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر