ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى «كۆڭۈل سەپەرۋەرلىكى» ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىجتىمائىي تاراتقودىكى ئادرېسلىرىدا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇر ئورتاقلىشىپ «كۆڭۈل سەپەرۋەرلىكى» ھەرىكىتى باشلىدى.

1447433
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى «كۆڭۈل سەپەرۋەرلىكى» ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: "#GönülSeferberliği" دېگەن بەلگە بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسلىرىدا ئورتاقلىشىلغان ئۇچۇردا «پىداكارمىز، 83 مىليون (كىشىنىڭ) دەرۋازىسىنى چېكىشكە، دەردىگە ئورتاق بولۇشقا، مەسىلىلىرىگە چارە تېپىشقا، خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدى بولۇش، ئۈمىدى بولغانلارنىڭ يېنىدا تۇرۇش ئۈچۈن پىداكارمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ۋىدېئونىڭ ئاخىرىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «ئۇنۇتماڭلار، سىياسەتكە قەدەم بېسىش ئارقىلىق تەلەپ قىلغان بىردىنبىر نەرسەڭلار خەلقىمىزنىڭ خىزمەتكارلىقىدۇر. ئەتىنى كۈتمەستىن دەرھال يېڭى بىر كۆڭۈل (پىداكارلىق) سەپەرۋەلىكى باشلايمىز» دېگەن سۆزلىرىدىن كېيىن «بىرلىكتە تېخىمۇ بۈيۈك تۈركىيە ئۈچۈن كۆڭۈل سەپەرۋەرلىكى باشلايدۇ» دېگەن ئىبارىلەر ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر