ھاققارىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ھاققارى ۋىلايىتىنىڭ قاۋاقلى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1444294
ھاققارىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىچكى بىخەتەرلىكنى قوغداش ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، ھاققارى ۋىلايىتىنىڭ قاۋاقلى رايونىدا، ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى ۋە ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن  ھاۋا ياردىمى ئاستىدا ئورتاق ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، ئۇلارنىڭ قورال – ياراغلىرى پاچاقلاپ تاشلاندى. رايوندا ھەربىي ھەرىكەت داۋاملاشماقتا.»

مىنىستىرلىق باياناتىدا يەنە، ماردىن ۋىلايىتىنىڭ دەرىك ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا بىر تېررورچىنىڭ تىرىك قولغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر