«تۈركىيە شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇساپىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ»
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇساپىسىنىڭ 2020 – 2021 – يىللىق نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1443725
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇساپىسىنىڭ تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىغا قاتناشقان چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «يىغىندا، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> دىن كېيىنكى كۈندىلىك ھاياتتا نورماللىشىش باسقۇچىدا شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇساپىسى دائىرىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە يەنىمۇ كۈچەيتىش ئىمكانىيەتلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ باردۇق. 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ، بالقان رايونىدىكى ئەڭ كەڭ دائىرىلىك تەشكىلات بولغان شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇساپىسىنىڭ 2020 – 2021 – يىللىق نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىمىز.»