تۈركىيە گىرېتسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دەندىئاس بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېلغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1443014
تۈركىيە گىرېتسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي،  دەندىئاس بىلەن بورېلنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈربپ مۇنداق دېدى: «دەندىئاسنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل بىلەن تۈنۈگۈن تۈركىيە – گىرېتسىيە چېگراسىدا بەرگەن باياناتلىرى، ھەممىدىن بۇرۇن گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەنلەرگە قارىتا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە جىنايەتلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى رامكىسى ئاستىدا يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشنىڭ يېڭىچە ئالامىتىدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بۇنىڭغا ئورتاق بولۇشى ئىبرەتلىك ئىشتۇر.»

تۈركىيە چېگراسىدا بۇنداق باياناتلارنى بەرگەنلەرگە، ياۋروپا كېڭىشى كىشىلىك ھوقۇق كىمىسسارى دۇنجا مىجاتوۋىچنىڭ «كۆچمەنلەرنىڭ شان – شەرىپىنى قوغداش ئەزا دۆلەتلەر ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاقي ۋە قانۇنىي مەجبۇرىيەتتۇر» تەرىقىسىدىكى سۆزلىرىنى يەنە بىر قېتىم خاتىرىلەتكەن ئاقسوي، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە گىرېتسىيەنى دۆلىتىمىزنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، يەنە بىر قېتىم ئۆز ئەھدىلىرىگە ۋاپا قىلىشقا، كۆچمەنلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز. دەندىئاسىڭ، ئەگە ۋە شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە قىلغان سۆزلىرى ھەقىقەتكە پۈتۈنلەي زىتتۇر. گىرېتسىيە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنى ئۆزىنىڭ ساھىللىرىغا قاپساپ قويۇش ۋە بۇنى خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇندەك قىلىپ كۆرسىتىش چۈشىدىن ئەمدى ئويغىنىشى كېرەك.»

ئۇ، تۈركىيەگە قارشى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى سۇيىئىستېمال قلىش تەشەببۇسلىرىنىڭ گىرېتسىيەگە ھېچقانداق پايدىسىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيە بۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا، تۈركىيەنىڭ قانۇنىي ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، مەسىلىلىرىنى بىزنى شىكايەت قىلىپ ۋە باشقىلاردىن مەدەت تىلەپ ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، بىز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىشى لازىم. دەرۋەقە، خەلقئارا قانۇن ھەم ئىناق قوشنىدارچىلىقنىڭ تەقەززاسىمۇ دەل مۇشۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر