چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيەنى پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيەنى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئىشغال قىلىش پىلانىنى توختىتىشقا چاقىردى.

1443017
چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيەنى پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ، «ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى بېسىۋېلىش پىلانى» مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىنىغا يوللىغان يازما باياننامىسىدە مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئىشغال ئاستىدىكى قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى. شۇڭا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش مەجبۇرىيىتى باردۇر. دەرۋەقە، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى بېسىۋېلىش پىلانى خەلقئارا قانۇن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىنى جىددىي شەكىلدە دەپسەندە قىلماقتا. بۇ پىلان، كىرىزىسنى ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم تەرىقىسىدە ھەل قىلىش چارىسىنى ۋەيران قىلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆپىنچىسىمۇ بۇ پىلانغا قارشى چىقماقتا. پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تۈركىيە پەلەستىن خەلقىنى تولۇق قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى يەنە بىر قېتىم قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىش ۋە پەلەستىن زېمىنىنى بېسىۋېلىش پىلانلىرىدىن دەرھال ۋاز كېچىشكە چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر