ئەردوغان جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائې-ئىن بىلەن تېلېفونلاشتى.
1442234
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت مۇن جائې-ئىننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا بولىدىغان نۇقتىلار مۇزاكىرە قىلىنغان.