شىمالىي ئىراقتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «پەنچە – قاپلان (يولۋاس)» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورچىلار بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
1440478
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورچىلار بىلەن تۈرك ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، ئىككى تېررورچىنىڭ قوراللىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.