ئەردوغان گىۋىنىيە بىسساۋ پرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن گىۋىنىيە بىسساۋ پرېزىدېنتى ئۇمارو سىسكوكو ئېمبالو بىلەن كۆرۈشىدۇ.
1439702
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ، 19 – 21 – ئىيۇن كۈنلىرى تۈركىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدىغان گىۋىنىيە بىسساۋ پرېزىدېنتى ئۇمارو سىسكوكو ئېمبالو بىلەن ئىستانبۇلدا بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقى، ئۇچرىشىش دائىرىسىدە، تۈركىيە - گىۋىنىيە بىسساۋ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقى، ھەمدە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئىمكانىيەتلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.»