شىمالىي ئىراقتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان «پەنجە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

1439679
شىمالىي ئىراقتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، زاپ رايونىدا تۈنۈگۈن تېررورچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشتا يارىلانغان ئەسكەر دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغان. بۇ ئارىلىقتا، ھاۋا ياردىمى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر