بىنگۆلدە يەر تەۋرىدى

تۈنۈگۈن بىنگۆلنىڭ كارلىئوۋا ناھىيەسىدە 5.7 بال، بۈگۈن ئەتىگەندە بولسا 5.6 بال يەر تەۋرىدى.

1436212
بىنگۆلدە يەر تەۋرىدى
bingöl deprem.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (2020-يىلى 14-ئىيۇن) بىنگۆلنىڭ كارلىئوۋا ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 5.7 بال يەر تەۋرەشتە بىر ئامانلىق خادىمى شېھىت بولدى.

تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى مەركىزى بىنگۆلنىڭ كارلىئوۋا ناھىيەسى بولغان يەر تەۋرەشتىن كېيىن، دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ كېلىنگەن 21 كىشىدىن ئۈچ كىشىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى، 18 كىشىنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شېھىت بولغان ئامانلىق قوغداش خادىمىنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، سەۋر تىلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان باشقا ئائىلىلەر بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، مۇھىت ۋە شەھەر باشقۇرۇش مىنىستىرى مۇرات كۇرۇم بىنگۆلگە قاراپ يولغا چىقتى.

تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ئەنقەرە ۋاقتى 09:51 مىنۇت ئۆتكەندە، كارلىئوۋا ناھىيەسىدە يەنە 5.6 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى بىلدۈردى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر