تۈركىيەدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى كۈنسېرى تۆۋەنلىمەكتە

تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشكە باشلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆلۈم ۋە يۇقۇم نىسبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە.

1435361
تۈركىيەدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى كۈنسېرى تۆۋەنلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 14 كە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 4792 گە يەتتى.

بۇ جەرياندا  45  مىڭ 92 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1459 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 985 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 150 مىڭ 87 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر