لوس ئانژېلىستىكى تۈركىيە پۇقرالىرى قايتۇرۇپ كېلىندى

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن ئامېرىكادا تۇرۇپ قالغان تۈركىيە پۇقرالىرى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى لوس ئانژېلىستا قويغان مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.

1433935
لوس ئانژېلىستىكى تۈركىيە پۇقرالىرى قايتۇرۇپ كېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇرغۇن يولۇچىلار شۇ يەر ۋاقتى 16:00 دا ئۇچىدىغان 4906-سەپەر نومۇرلۇق ئايروپىلانغان چىقىشتىن بۇرۇن، تۈركىيەنىڭ لوس ئانژېلىستىكى كونسۇلى جان ئوغۇزغا تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدەتتى. پۈتۈنلەي  لىق تولغان مەخسۇس ئايروپىلان كۆككە كۆتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، يولۇچىلار ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى.

ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرى 2020-يىلى 27-28-مارت كۈنلىرى توختىتىلغاندىن كېيىن، مەملىكەتكە قايتالمىغان تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن 23-24-ئاپرېل كۈنلىرىدە ۋاشىنگتون، نىيۇ يورك ۋە لوس ئانژېلىستا ئۈچ دانە مەخسۇس ئايروپىلان سەپىرى قويۇلغان ئىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، 2020-يىلى 15-مايدا نىيۇ يورك ۋە چىكاگودا، 16-مايدا خوستوندا، 17-مايدا مىئامىدا ۋە ئاخىرقى قېتىم 3-ئىيۇندا چىكاگودا ئايروپىلان سەپەرلىرى قويۇلغان ئىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر