ئەردوغان: لىۋىيەلىكلەرنى ئىسيانچىلارغا تاشلاپ قويمايمىز

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىۋىيەلىكلەرنى ئىسيانچى ھەربىيلەرگە ۋە لېجونلارنىڭ ئىنسابىغا تاشلاپ قويمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1429691
ئەردوغان: لىۋىيەلىكلەرنى ئىسيانچىلارغا تاشلاپ قويمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەگە رەسمىي زىيارەت ئۈ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەگە رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن كەلگەن لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز ئەسساراج بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسيانچى ھەفتەرنىڭ خىيانەتچى ھۇجۇمىغا قارىماي، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «ئىسيانچى ھەفتەرنى قوللاپ، لىۋىيەنى قان ۋە كۆز ياشلىرىغا غەرق قىلغانلارنى، تارىخ سوراققا تارتىدۇ. لىۋىيەنىڭ كەلگۈسىگە توختىماي تەھدىت سالغان ئادەمنىڭ مەزكۇر مەسىلىدە ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىقتىدارى يوق. لىۋىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنى ھەرگىزمۇ ئىسيانچى ھەربىيلەرگە ۋە لېجونلارنىڭ ئىنسابىغا تاشلاپ قويمايمىز» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«بىز لىۋىيە باش مىنىستىرى سەراج بىلەن لىۋىيە زېمىنىدىكى ھەمكارلىق ساھەيىمىزنى كېڭەيتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق.بىز شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن چارلاش ۋە بۇرغىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمكارلىقلىرىمىزنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ھىمايىسى ۋە لىۋىيەدىكى سىياسىي مۇساپە ئىچىدىكى ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «سەراج ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئىسيانچى ھەفتەر ۋە ئۇنىڭ شايكىلىرى سادىر قىلغان ئىنسانىي جىنايەتلەر ۋە ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە قارىماي، بۇ جەھەتتە ئىزچىل ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولدى. لىۋىيەدىكى مەسىلىلەرنىڭ قانۇنىي ۋە ھەققانىيەت ئاساسىدا ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن بارلىق خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە سەراج بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز. ئىسيانچى ھەفتەرنىڭ لىۋىيە خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقى بولغان نېفىتنى قانۇنسىز يوللار بىلەن سېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چاقىرىقىمىزنى تەكرارلايمىز.»

لىۋىيە باش مىنىستىرى سەراج مۇنداق دېدى:

«بىز تۈركىيەنىڭ جەسۇر پوزىتسىيەسىگە تەشەككۈر ئېيتىمىز. مەن سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا دەيمەنكى، سىلەر ھازىر ئاخىرلىشىشنىڭ باشلىنىشىدا تۇرۇۋاتىسلەر. لىۋىيەدىن قولۇڭلارنى، ياقىمىزغا ئېسىلغان قولۇڭلارنى تارتىڭلار. بۇ يەردىن قايتىش يوق، دۈشمەننى يوقاتمىغىچە توختىمايمىز. ئۇلارنىڭ بېشىدىكى شەخسكە مۇزاكىرە ئىمكانى بېرىلمەيدۇ.»

چۈن كەلگەن لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز ئەسساراج بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسيانچى ھەفتەرنىڭ خىيانەتچى ھۇجۇمىغا قارىماي، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «ئىسيانچى ھەفتەرنى قوللاپ، لىۋىيەنى قان ۋە كۆز ياشلىرىغا غەرق قىلغانلارنى، تارىخ سوراققا تارتىدۇ. لىۋىيەنىڭ كەلگۈسىگە توختىماي تەھدىت سالغان ئادەمنىڭ مەزكۇر مەسىلىدە ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىقتىدارى يوق. لىۋىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنى ھەرگىزمۇ ئىسيانچى ھەربىيلەرگە ۋە لېئونلارنىڭ ئىنسابىغا تاشلاپ قويمايمىز» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«بىز لىۋىيە باش مىنىستىرى سەراج بىلەن لىۋىيە زېمىنىدىكى ھەمكارلىق ساھەيىمىزنى كېڭەيتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق.بىز شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن چارلاش ۋە بۇرغىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمكارلىقلىرىمىزنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ھىمايىسى ۋە لىۋىيەدىكى سىياسىي مۇساپە ئىچىدىكى ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «سەراج ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئىسيانچى ھەفتەر ۋە ئۇنىڭ شايكىلىرى سادىر قىلغان ئىنسانىي جىنايەتلەر ۋە ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە قارىماي، بۇ جەھەتتە ئىزچىل ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولدى. لىۋىيەدىكى مەسىلىلەرنىڭ قانۇنىي ۋە ھەققانىيەت ئاساسىدا ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن بارلىق خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە سەراج بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز. ئىسيانچى ھەفتەرنىڭ لىۋىيە خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقى بولغان نېفىتنى قانۇنسىز يوللار بىلەن سېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چاقىرىقىمىزنى تەكرارلايمىز.»

لىۋىيە باش مىنىستىرى سەراج مۇنداق دېدى:

«بىز تۈركىيەنىڭ جەسۇر پوزىتسىيەسىگە تەشەككۈر ئېيتىمىز. مەن سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا دەيمەنكى، سىلەر ھازىر ئاخىرلىشىشنىڭ باشلىنىشىدا تۇرۇۋاتىسلەر. لىۋىيەدىن قولۇڭلارنى، ياقىمىزغا ئېسىلغان قولۇڭلارنى تارتىڭلار. بۇ يەردىن قايتىش يوق، دۈشمەننى يوقاتمىغىچە توختىمايمىز. ئۇلارنىڭ بېشىدىكى شەخسكە مۇزاكىرە ئىمكانى بېرىلمەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر