تۈركىيە نىگېرغا تېببىي ياردەم بۇيۇملىرى يوللىدى

تۈركىيە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە تېببىي بۇيۇم ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1429179
تۈركىيە نىگېرغا تېببىي ياردەم بۇيۇملىرى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرىگە ياردەمچى بولۇش مەقسىتىدە نىگېرغا ماسكا، قوغدىنىش كىيىمى ۋە قوغدىنىش كۆزئەينىكى قاتارلىق تېببىي بۇيۇملارنى يوللىدى.

سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان مەركۇز ياردەم بۇيۇملىرى ئەتىمەسگۇت ھەربىي ئايرودۇرۇمىدىن قوزغالغان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئا400م تىپلىق يۈك ئايروپىلانىغا قاچىلاندى.

نىگېرغا قاراپ يولغا چىققان ئايروپىلاندىكى ياردەم بۇيۇمى ساندۇقلىرىنىڭ ئۈستىگە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بەلگىسى بىلەن بىرلىكتە مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ «ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن ئۈمىد بار. قاراڭغۇلۇقنىڭ ئارقىسدا نۇرغۇن قۇياشلار بار» دېگەن سۆزلىرى تۈرك ۋە فىرانسۇز تىللىرىدا يېزىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر