كوجا ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلىشنىڭ ئەھمىيتىنى تەكىتلىدى

تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) قارشى تۇرۇشىدا، ھەم ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانى، ھەمدە يۇقۇم سانى ئىزچىل تۆۋەنلىمەكتە.

1428949
كوجا ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلىشنىڭ ئەھمىيتىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 24 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 4 مىڭ 609 بولدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 52 مىڭ 305 كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى ۋە 867 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. 931 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 130 مىڭ 852 گە يەتتى.

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا 2020-يىلى 1-ئىيۇندىن تارتىپ باشلانغان «يېڭى نورمال ھالەت» نىڭ قائىدەلىرىگە رىئايە قىلىشنىڭ «كونا نورمال ھالەت» كە قايتىشنىڭ ۋاقتىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ۋاباغا قارشى تۇرۇشتا يەتكەن نۇقتا ۋە بۇندىن كېيىن قانداق يول تۇتۇلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلىنغان ئەھۋالدا ئىككىنچى ۋابا دولقۇنىنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ماسكا تاقاش، ئىجتىمائىي مۇساپەگە دىققەت قىلىش ۋە قولنى يۇيۇپ تۇرۇشنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، بۇ تەدبىرلەرگە رىئايە قىلمىغان ئەھۋالدا، ئىشنىڭ بېشىغا قايتىشتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر