ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر سانى ئىزچىل تۆۋەنلىمەكتە
تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) قارشى تۇرۇشىدا، ھەم ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانى، ھەمدە يۇقۇم سانى ئىزچىل تۆۋەنلىمەكتە.
1428262
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 22 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 4 مىڭ 585 بولدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 32 مىڭ 325 كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى ۋە 786 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. 974 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 129 مىڭ 921 گە يەتتى.