نورۋېگىيەدىكى تۈركىيە پۇقراسى تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى
نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا ياشاۋاتقان ۋە مېڭىسىدا ئۆسمە بار سەلدا گۈل ئەكەنەل تۈركىيە ئەۋەتكەن قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى بىلەن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى.
1427896
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئوسلو باش ئەلچىسى فازلى چورمان، تۈركىيەنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇقرالىرى ئۈچۈن مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، ئەكەنەلنىڭ تۈركىيەنىڭ ئوسلو ئەلچىخانىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قىزىمىزنىڭ ياردەم چاقىرىقىدىن كېيىن، سەھىيە مىنىستىرلىقىمىز بىلەن ئالاقە ئورناتتۇق. سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئوسلوغا ئەۋەتىلگەن بىر قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى ئارقىلىق قىزىمىز نورۋېگىيەدىن دۆلىتىمىزگە ئەۋەتىلدى.»