تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان خاكۇرك رايونىدا پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى 4 تېررورچىنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلدى.
1423642
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك رايونىدا چارلاش – كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق 4 تېررورچىنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلارنى ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق يوقىتىپ تاشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىپ تاشلانغۇچە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.