چاۋۇشئوغلۇ بىر قىسىم چەت ئەللىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئۆزئارا ھېيتنى تەبرىكلەشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بىر قاتار ئەللەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە سىياسىي ئەمەلدارلىرى بىلەن روزا ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېفونلاشتى.

1423580
چاۋۇشئوغلۇ بىر قىسىم چەت ئەللىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئۆزئارا ھېيتنى تەبرىكلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى مەنسۇر بارزانى، تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىد مەرەدوۋ ۋە پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ سابىق سىياسىي ئىشلار بىيۇروسى باشلىقى خالىد مەشئەل قاتارلىقلار بىلەن ھېيتنى تەبرىلەشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر