تۈركىيەدە ۋىرۇسقا قارشى كۈرەشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى كۈنسېرى يۈكسەلمەكتە

تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشكە باشلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆلۈم ۋە يۇقۇم نىسبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە.

1422242
تۈركىيەدە ۋىرۇسقا قارشى كۈرەشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى كۈنسېرى يۈكسەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 4276 گە يەتتى.

بۇ جەرياندا  37  مىڭ 507 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 952 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1121 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 116 مىڭ 111 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر