تۈركىيە گىرېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قىسىم پائالىيەت ۋە باياناتلارغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە، لوزان تىنچلىق كېلىشىمى (1923) نىڭ، ئانادولۇنى ئىشغال قىلغان (1919) گىرېتسىيە ئارمىيەسى سادىر قىلغان قىلمىشلارنىڭ ئۇرۇش قانۇنىغا زىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

1420203
تۈركىيە گىرېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قىسىم پائالىيەت ۋە باياناتلارغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، گىرېتسىيە پارلامېنتى ۋە دائىرىلىرى تەرىپىدىن «(تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاتاتۈرك ئازادلىق ئۇرۇشىنى باشلىغان) 1919 – يىلى 19 – ماينى خاتىرىلەشنى باھانە قىلىپ ئېلان قىلىنغان ئاساسسىز، شۇنداقلا ئۈمىدسىزلىككە تولغان باياناتلارنىڭ «تارىخىي رېئاللىقلارغا ۋە 21 – ئەسىرنىڭ قىممەت – قاراشلىرىغا ياراشمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ گىرېتسىيەدە تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن بەزى پائالىيەت ۋە ئېلان قىلىنغان باياناتلار توغرىسىدىكى يازما باياناتىدا، «ئازادلىق ئۇرۇشىمىزنىڭ تۇنجى قەدىمى تاشلانغان 1919 – يىلى 19 – ماي يالغۇز مىللىتىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، ئىمپېرىيالىزمغا قارشى جەڭ قىلغان بارلىق ئىزىلگەن مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ قۇتلۇق كۈندۇر. مۇشۇنداق بىر كۈندە گىرېتسىيە پارلامېنتى ۋە دائىرىلىرى تەرىپىدىن 1919 – يىلى 19 – ماينىڭ يىل ئايلىنىش كۈنىنى خاتىرىلەشنى باھانە قىلىپ ئېلان قىلىنغان ئاساسسىز، شۇنداقلا ئۈمىدسىزلىككە تولغان باياناتلار، نە تارىخىي رېئاللىقلارغا، نە 21 – ئەسىرنىڭ قىممەت – قاراشلىرىغا ياراشمىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

1919 – يىلى 15 – مايدا گىرېتسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىزمىرنى ئىشغال قىلغانلىقى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلگەن باياناتتا، «بۇ ئاچچىق ئىشغال، ھېچقانداق سەۋەبى بولمىغان، زۇلۇمغا سەھنە بولغان پىلانلىق شۇنداقلا يۈز قىزارتقۇچى بىر ئىستىلاغا ئايلاندى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، «...لوزان كېلىشىمىنىڭ 59 – ماددىسىنىڭ ئانادولۇنى ئىشغال قىلغان گىرېتسىيە ئارمىيەسى سادىر قىلغان قىلمىشلارنىڭ ئۇرۇش قانۇنىغا زىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن كېيىن گىرېتسىيە باش مىنىستىرى (ئېلېفتېرىئوس) ۋېنىزېلوسنىڭ، 1934 – يىلى ئۇلۇغ داھىي مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشى، بىپەرۋا سىياسەتچىلەرنىڭ ۋە رادىكال قاتلاملارنىڭ بۈگۈن تارىخنى تەتۈرىدىن ئوقۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتىدۇر.

ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىزدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى دىيالوگ يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىمىزغا پەرۋا قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇۋاتقان گىرېتسىيەنىڭ، بىز سۇنغان دوستلۇق قولىنى ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش تۇتۇشى، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشىنى توغرا ئوقۇشنىڭمۇ تەلىپىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر