ئەردوغان: مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلگاھىغا يېتىپ بېرىش نىشانىمىزغا چوقۇم يېتىمىز
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە خەلقىگە بەرگەن ۋەدىلىرى بويىچە مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلگاھىغا چوقۇم يېتىپ بارىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
1416392
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بىز قۇرۇق گەپ بىلەن ئەمەس، ئۇلۇغۋار نىشانلىرىمىزغا يېتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن مەشغۇلمىز. بىز 18 – ئەسىردە بەرگەن ھەر بىر ۋەدىمىزدە تۇرغىنىمىزدەك، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەشتىمۇ خەلقىمىزگە بەرگەن ۋەدىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلگاھىغا چوقۇم يېتىپ بارىمىز. بۇ ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئارقىدا قېلىشىنى خام خىيال قىلىۋاتقانلارنى يەنە بىر قېتىم نۈئۈمىد قىلىمىز.»