تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا ئۈچ تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەدە تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ نىڭ ئۈچ ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1415640
تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا ئۈچ تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا، پ ك ك|ي پ گ نىڭ ئۈچ ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، پ ك ك|ي پ گ تېررورىستلىرىنىڭ تىنچلىق بۇلىقى رايونىغا مەخپىي كىرىشكە ئۇرۇنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «ئالاھىدە زەربىدار ئەترىتىمىز تېررورلق تەشكىلاتىنىڭ مەخپىي ئۆتۈشىگە يول قويمايدۇ. خاتىرجەملىك ۋە ئۆزئارا ئىشەنچ ئورنىتىلغان مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن تىنچلىق بۇلىقى رايونىغا مەخپىي كىرىشكە ئۇرۇنغان پ ك ك|ي پ گ نىڭ ئۈچ ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر