تۈركىيە ئامېرىكادىكى پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا قالغان تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى نىيۇ يورك، چىكاگو، خيۇستون ۋە مىئامىدىن مەخسۇس ئايروپىلان سەپەرلىرى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

1413544
تۈركىيە ئامېرىكادىكى پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتون ئەلجىخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 15 – ماي كۈنى نىيۇ يورك ۋە چىكاگودىن، 16 – ماي كۈنى خيۇستوندىن، 17 – ماي كۈنى مىئامىدىن مەخسۇس ئايروپىلان سەپەرلىرى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. ئۇچۇش كۈنى ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان يولۇچىلارنىڭ ئۇچۇشىغا رۇخسەتن قىلىنمايدىكەن. تۈركىيە پۇقرالىرى تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەندىن ئېتىبارەن ئۇدا 14 كۈن كارانتىن ئاستىدا تۇتۇلىدىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرى 27 – 28 – مارتتا توختىتىلغانلىقتىن، تۈركىيەگە كېلەلمىگەن تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 23 – 24 – ئاپرېل كۈنلىرى ۋاشىنگتون، نىيۇ يورك ۋە لوس ئانژېلېستىن ئۇدا مەخسۇس 3 قېتىملىق ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر