تۈركىيەنىڭ سومالىغا يوللىغان ئىككىنچى قېتىملىق تېببىي ياردەم بۇيۇملىرى مۇقدىشوغا يېتىپ باردى

تۈركىيەنىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە يوللىغان ئىككىنچى قېتىملىق تېببىي ياردەم بۇيۇملىرى سومالىغا يېتىپ باردى.

1410146
تۈركىيەنىڭ سومالىغا يوللىغان ئىككىنچى قېتىملىق تېببىي ياردەم بۇيۇملىرى مۇقدىشوغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن تەييارلىنىپ يولغا سېلىنغان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق تېببىي ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ سومالىغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلەن تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوئوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى (تىكا) تەرىپىدىن تەييارلانغان بىمار يۆتكەش زەمبىلى، كارىۋات ۋە كارىۋات يوپۇقلىرى دېگەندەك بۇيۇملار، تۈنۈگۈن كېچە پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئەتىمەسگۇت ھەربىي ئايرودۇرۇمىدىن يولغا چىققانىدى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئا400م تىپلىق ھەربىي يۈك ئايروپىلانىغا بېسىلغان تېببىي ياردەم بۇيۇملىرى سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشوغا يېتىپ باردى.

تۈركىيە، كوۋىد – 19 غا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ سومالىغا تېببىي ياردەم بۇيۇملىرىنى ئەۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر