ئەردوغان: نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىسى سومالىلىق قېرىنداشلىرىمىزغا نەپەس بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە ئىشلەپچىقارغان نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىسىنىڭ سومالىلىقلار ئۈچۈن نەەپس بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1409381
ئەردوغان: نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىسى سومالىلىق قېرىنداشلىرىمىزغا نەپەس بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ سەھىيە ساھەسىدە يەرلىك تېخنولوگىيە جەھەتتىن تاشلاۋاتقان قەدەملىرى ۋە ئېھتىياجلىق ئەللەرگە بېرىۋاتقان ياردەملىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مىللىي تېخنولوگىيەلىك ئىمكانلىرىمىزغا تاينىپ ئىشلەپچىقىرىلغان نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىسى سومالىلىق قېرىنداشلىرىمىزغا شىپا ھەم نەپەس بولىدۇ. دەرۋەقە، مەدەنىيەت ئىمكانىيەت ئەمەس، ۋىجدان مەسىلىسىدۇر. مىللىتىمىزنىڭ ئىمكانىيەتلىرىمۇ، ۋىجدانىمۇ ھەمىشە مەزلۇم ۋە مۇھتاجلارنىڭ يېنىدىدۇر. تۈركىيە خەلقىنىڭ ياردەمسۆيەر بىر مىللەت ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. ئەي ئەزىز خەلقىم! سېنىڭ قەلبىڭدە <مېھىر – شەپقەت> ناملىق بىر كۆپەت باردۇر.»

تېببىي لازىمەتلىكلەردىن سىرت يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سومالى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد ئابدۇللاھ فارماجوغا يازغام مەكتۇپ، سومالى پىرېزىدېنتىغا يەتكۈزۈشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ موگادىشۇ باش ئەلچىسى مەھمەت يىلمازغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر