تۈركىيە ئامېرىكانىڭ دىنىي ئەركىنلىكلەر دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلاتىنىڭ «ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاش ئاساسسىز، مەنبەسى ئېنىقسىز دەۋالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى»نى بىلدۈردى.

1408096
تۈركىيە ئامېرىكانىڭ دىنىي ئەركىنلىكلەر دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، «ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 2020 – يىللىق دوكلاتى»نىڭ تۈركىيەگە ئالاقىدار قىسمى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا يازما ھالەتتە جاۋاب قايتۇردى.

«خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكلەر دوكلاتلىرى» دا تۈركىيەگە ئالاقىدار بۆلۈملەرنىڭ «بىر تەرەپلىمە ۋە ئوبيېكتىپلىقتىن يىراق» ھالەتتە قەلەمگە ئېلىنىشىنىڭ ھەر يىلى يۈز بېرىدىغان ئادەت تۈسىنى ئالغان بىر خىل ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن باياناتچى ئاقسوي، مەزكۇر يازما جاۋابىدا، ««دوكلات ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاش ئاساسسىز، ئېنىقسىز، مۈجمەل دەۋالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يەككە ۋەقەلەرنى دىنىي ئەركىنلىككە دەخلى- تەرۇز قىلىش دەپ تەسۋىرلەشكە ئۇرۇنۇشلار بار. بۇ بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە ئاساسسىز پوزىتسىيە دوكلاتنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە كۆلەڭگە چۈشۈرمەكتە» دېدى.

ئۇ، «دوكلاتتا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبىشىنىڭ <ئامېرىكادا ياشايدىغان بىر دىنىي زات> دەپ تەرىپلىنىشى بولسا، تۈركىيەدە دېموكراتىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان خائىنلارچە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى (2016 – يىلى 15 – ئىيۇل) نى ۋە 251 بىگۇناھ پۇقرانىڭ شېھىت قىلىنىشىنى قەستەن كۆرمەسكە سېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتچى ئاقسوي، كومىتېتنىڭ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىككە تەھدىت يۈزلىنىشلەرگە ئورۇن بېرىشى كۈتۈلۈۋاتقان بۇ دوكلاتىدا، ئىسلام دىنىغا قارشى تۇرۇش، دىننىي ئاساس قىلغان كەمسىتىش ۋە چەت ئەللىك ئۆچمەنلىكىنىڭ غەرب ۋە ئامېرىكادىكى كۆپىيىشى توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلىنماسلىقى بولسا، دوكلاتنىڭ مەقسىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكلەر ۋە ھەق – ھوقۇقلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھامى ئاقسوي باياناتىدا، «بۇنىڭدىن ئاۋۋالمۇ ئىسلامغا قارىتا خاتا تونۇشقا ئىگە بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن مەزكۇر كومىتېتنىڭ، بۇ دوكلاتنى ئوبيېكتىپ ئۆلچەملەردىنمۇ بەكرەك، ئۆزىنىڭ ئاساسسىز كۈنتەرتىپ ۋە ئالدىنقى پىلاندىكى ئىشلىرىغا ئاساسەن، تۈركىيە دۈشمىنى تەرەپلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا قەلەمگە ئالغانلىقى ئېنىق. بۇ دوكلاتنى تەييارلىغانلارنىڭ ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر