تۈركىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ئازىيىشقا يۈزلەندى
تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرەشتە ئىجابىي يۈزلىنىش داۋام قىلماقتا.
1406351
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 95 كە تۆۋەنلىدى ۋە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 مىڭ 900 غا چىقتى.
يېقىنقى 24 سائەتتە 20 مىڭ 143 كىشى تەكشۈرۈلدى. 2 مىڭ 131 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. 4 مىڭ 651 كىشى دوختۇرخانىدىن چىقتى. سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 33 مىڭ 791 بولدى.
يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانىنىڭ يۇقۇملانغانلار سانىدىن يۇقىرى بولۇشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا.