ئەردوغان ۋە شەنتوپ رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ئورتاقلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك ئۇچۇرلىرى تارقاتتى.

1404434
ئەردوغان ۋە شەنتوپ  رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ئورتاقلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا «خۇش كەلدىڭ، يا شەھرى رامىزان (رامىزان ئېيى)» دېگەن تېمىدا ئۇچۇر ئورتاقلاشتى.

ئەردوغاننىڭ كەبىنىڭ سۈرىتى بىلەن بىرلىكتە تارقاتقان مەزكۇر ئۇچۇرىدا، قۇرئان كەرىم بەقەرە سۈرىسىنىڭ «ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى» دېگەن ئايىتى (183 – ئايەت) نىمۇ ئورتاقلاشتى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپمۇ رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن تارقاتقان ئۇچۇرىدا، خەلقتىن ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۈزىسىدىن ئۆيىدىن چىقماسلىقى تەلەپ قىلىنىۋاتقان بۇ مۇبارەك كۈنلەرنىڭ، ئاللاھقا تېخىمۇ كۆپ ئىتائەت ۋە ئىبادەت قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر