ئەردوغان: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىرلىك، باراۋەرلىك، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلىك، باراۋەرلىك، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق ئېڭى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

1404215
ئەردوغان: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىرلىك، باراۋەرلىك، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» ۋە «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن خەلققە قىلغان خىتابىدا  مۇنداق دېدى: «جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە بارلىق شېھىت ھەم غازىلىرىمىزنى چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە مەڭگۈ ياد ئېتىمىز. بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئىلگىرى پايتەخت ئەنقەرەدە قۇرۇلغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىمىز، ۋەتىمىز ئىشغال قىلىنغان بىر دەۋردە خەلقىمىز ھەم دۆلىتىمىزنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنىڭ مەركىزى بولغاندۇر. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى باراۋەرلىك، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق ئېڭى ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر. 23 – ئاپرېل كۈنى دېموكراتىيەنىڭ، مىللىي كۈرەشنىڭ، خەلقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىمۋولىدۇر. دەرۋەقە، 23 – ئاپرېل كۈنى تۈركىيە خەلقىنىڭ ئەۋلاتلىرىغا قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ، ياشلىرىغا ئىشىنىدىغانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تۈركىيە خەلقى ۋە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى بۈگۈن كېچە تۇنجى تەراۋىھ نامىزىنى ئوقۇپ، روزا تۇتىدۇ. پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.»

يەنە بىر تەرەپتىن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىگە ئاساسەن، بۇ يىلقى مۇراسىمسىز تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، پۈتكۈل تۈركىيە خەلقى ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 21 دە ئۆيلىرىنىڭ بالكونلىرىدا چىقىپ، چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە «ئىستىقلال مارشى» نى ئوقۇدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇنىڭغا بارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ئورتاق نەق مەيداندىن تارقىتىش پىروگراممىسىدا، يېنىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۆسمۈر بىلەن بىرلىكتە جۈر بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر