ئەردوغان رۇھانى بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران پرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1403627
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەردوغان بىلەن رۇھانىي ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە، كوۋىد -19 يۇقۇملۇق ئاپىتىگە قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق، ئۆزئارا مۇناسىۋەت ۋە رايوننىڭ يېڭى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.