ئەردوغان 23 – ئاپرېل ئۈچۈن تەبرىكنامە ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلارنىڭ يەلكىسىدە يۈكسىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا  ئۇلارنىڭ دىنامىك كۈچى ۋە جوشقۇنلۇقى بىلەن 2023-  يىللىق ۋە 2071 – يىللىق نىشانلارغا چوقۇم يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1403633
ئەردوغان 23 – ئاپرېل ئۈچۈن تەبرىكنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىلىغا شۇنداقلا 23 - ئاپرېل دۆلەت مۇستەقىللىقى ۋە بالىلار بايرىمىغا ئاتاپ تەبرىكنامە ئېلان قىلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەبرىكنامىسىدا، «شانلىق تارىخىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سىمۋوللىرىنىڭ بىرى بولغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)،  100  يىلدىن بۇيانقىغا ئوخشاش مەڭگۈگە مىللىي ئىرادىنىڭ نامايەندىسى بولىدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە،  «1920-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى روھ، مۇستەقىللىق ئىرادىمىز، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرىدىغان ئەڭ چوڭ ئامانىتىمىزدۇر»دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر