ئەردوغان: ۋىرۇس تەدبىرلىرىنىڭ مېۋىلىرىنى توپلاشقا باشلىدۇق

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىرلەرنىڭ مېۋىلىرىنى توپلاشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

1401980
ئەردوغان: ۋىرۇس تەدبىرلىرىنىڭ مېۋىلىرىنى توپلاشقا باشلىدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۆتىنچى قېتىملىق تېلېۋىزىيە ئىچكى كابېنت يىغىنىدىن كېيىن مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرىشىنى ئاساسلىق تۆت تېما ئاستىدا ئىخچاملاپ؛ «بىرىنچىسى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇساپىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش. ئىككىنچىسى، سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ئىزچىل ئىشلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش. ئۈچىنچىسى، يېمەك-ئىچمەك ۋە تازىلىق قاتارلىق ئاساسلىق خىزمەت ساھەسىدىكى پارچە سېتىش زەنجىرىنىڭ ئاقسىماسلىقى. تۆتىنچىسى، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقى» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ھېچقانداق مەسىلىدە كەمچىلىكى ۋە دۇچ كەلگەن خەتىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، دوختۇخانىلاردىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى قىستاڭچىلىقنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«دوختۇرخانىلاردىكى كارۋات ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش مەسىلىلىرىدىكى مەۋجۇت ئەھۋالىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىمىز.»

ئۇ زاپاس مىقدارى كۆپ بولغان مۇھىم دورىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنىڭ يەرلىك شىركەتلەر بىلەن باشلانغانلىقىنى، مۇداپىئە سانائىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان زور تەرەققىياتلارنى، تىببىي ئۈسكۈنىلەر ۋە دورىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا بارلىق مۇھىم ساھەلەردىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «قوغدىغۇچى سەھىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق. سەھىيە خادىملىرى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان N95  ۋە N99 ماسكىلىرىنىڭ سۈزگۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچى ئاخىرلىشىپ، سىناقلىرى باشلاندى. كېلەركى ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 5 مىڭ دانە نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئىاشلەپچىقىرىلىدۇ» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر