قالىن: سەھىيە ساھەسىدە ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ مۇھىملىقىنى كۆردۇق

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ھەممە ئۇدا 15 – 16  يىلدىن بۇيان ساغلاملىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇستەھكەملەش يولىدا ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

1400027
قالىن: سەھىيە ساھەسىدە ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ مۇھىملىقىنى كۆردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن، خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە يۇقۇم كىرىزىسىگە ئەڭ بالدۇر جاۋاب قايتۇرغان ۋە بۇ ھەقتە بالدۇر تەدبىرلەرنى قوللانغان دۆلەتلەردىن بىرىدۇر. كۈندىلىك تەكشۈرۈش نىسبىتى 40 مىڭدىن ئاشتى. بۇ، تۈركىيەگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ناھايىتى خۇشاللىنارلىق بىر ئەھۋال. باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىغا ۋە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ناھايىتى ياخشى. دۆلىتىمىز ئۆلۈم نىسبىتىدىمۇ  % 2 تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ھەممە ئۇدا 15 – 16  يىلدىن بۇيان ساغلاملىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇستەھكەملەش يولىدا ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ قاندىلىك دەرىجىدە مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە بولۇپمۇ سەھىيە ساھەسىدە، شەھەر دوختۇرخانىلىرى، تېببىي لاىمەتلىكلەر،  سەھىيە خادىملىرى توغرۇلۇق ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر، ئەسلىدە بىزنى بۇ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق كۆرگۈزۈش ئىكەن. سەھىيە قۇرۇلمىمىزنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش بۆلۈمىدىكى كارىۋات سىغىمى، نورمال كارىۋات سىغىمى، شەھەر دوختۇرخانىلىرى، تېببىي لاىمەتلىكلەر ۋە باشقا ساھەلەردە دۇنياغا ئۈلگە يارىتىدىغان بىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. دەرۋەقە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭمۇ تۈركىيەنىڭ <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىۋاتقانلىقى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان، ئەلۋەتتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر