خۇلۇسى ئاقار ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ يۇقۇمغا ئالاقىدار تېلېۋىزىيە يىغىنىغا قاتناشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەشكە مۇناسىۋەتلىك تېلېۋىزىيە يىغىنىغا قاتناشتى.

1399116
خۇلۇسى ئاقار ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ يۇقۇمغا ئالاقىدار تېلېۋىزىيە يىغىنىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، تۇنجى قېتىم بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو قارارگاھىدا ئەمەس، تېلېۋىزىيە يىغىنى ئۇسۇلىدا چاقىرىلغان يىغىن ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگنىڭ سۆزى بىلەن باشلانغان.

كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەش مۇزاكىرە قىلىنغان تېلېۋىزىيە يىغىنىغا تۈركىيەدىن قاتنىشىپ سۆز قىلغان مىنىستىر خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيەدە يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر، شۇنداقلا مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قىلىنغان ياردەملەر توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتكەن.

ئاقار، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر ۋە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماستىن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.

يىغىندا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى، ناتو ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يۇقۇمغا قارشى يولغا قويغان تەدبىرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن، يۇقۇمنىڭ بىر خەۋپسىزلىك كىرىزىسىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەدبىرلەر، يۇقۇمنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىرلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر