«فىرات قالقىنى» ۋە «زەيتۇن شېخى» رايونلىرىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەدە «فىرات قالقىنى» ۋە «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1395481
«فىرات قالقىنى» ۋە «زەيتۇن شېخى» رايونلىرىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ھۇزۇر ۋە تىنچلىق مۇھىتىنى بۇزۇشقا ھەم ئەسكەرلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلاردىن بىرى <فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، 3 ى <زەيتۇن شېخى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، ئىككىسى <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، قەھرىمان ئالاھىدە قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر