سۈرىيەدە 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەدىكى تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1390801
سۈرىيەدە 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىنىڭ جەنۇبىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 10 تېررورچىنىڭ تۈرك كوماندىرلىرىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، «قەھرىمان كوماندىرلىرىمىز تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىنىڭ جەنۇبىدا يەنە بىر ھەربىي ھەرىكەتنى غەلىبىلىك ھالدا ئىشقا ئاشۇردى. خاتىرجەم ۋە تىنچ – ئامان مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان 10 پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر