چاۋۇشئوغلۇ ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ  «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم چاقىرىلىدىغان  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

1389853
چاۋۇشئوغلۇ ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە بۈگۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تارىخىدا تۇنجى قېتىم چاقىرىدىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىغا قاتنشىىدىكەن.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسىنى تەشكىل قىلىدىغان  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدا، ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى ئۆزگىرىشلەر، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي رولىنى كۈچەيتىش ۋە ناتونىڭ كۈنتەرتىپىدىكى باشقا مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر