ئىران ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، تۈركىيەنىڭ قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتتى

ئىراننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇھەممەد فەرازمەند ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، تۈركىيەنىڭ ئىرانغا ئەۋەتكەن داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتتى.

1387777
ئىران ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، تۈركىيەنىڭ قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى كوۋىد -19 ۋىرۇسى يۇقۇملۇق ئاپىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن كرىزىس پەيدا قىلغانلىقىنى بايان قىلغان باش ئەلچى مۇھەممەد فەرازمەند ئامېرىكانىڭ ئىرانغا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈپ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش ئەلچى مۇھەممەد فەرازمەند: «دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر سىياسىي ۋە جۇغراپىيەلىك پەرقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بۇ ۋەيران قىلغۇچ ۋىرۇسقا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى لازىم » دېدى.

ئىران ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى (ISNA)، تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، ئىرانغا يوللىغان 10 توننا داۋالاش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى  بويۇملىرىنى ئىران ئارمىيەسىگە تەۋە يۈك ئايروپىلانىنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئەتىگەندە ئىرانغا قونغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ياردەم بويۇملىرى ئارىسىدا دورا، ماسكا، ئىزولياتورلۇق كىيىم، پەلەي، كۆزەينەك، تېرمومېتىر، قول ۋە يەر يۈزى دېزىنفېكسىيە دورىسى بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر